首页
学习
活动
专区
工具
TVP
发布
精选内容/技术社群/优惠产品,尽在小程序
立即前往

ماسىك يەنە بىر قېتىم دۇنيانى ھەيران قالدۇردى

CyberCab رەسمىي ئېلان قىلىندى. ياساش تەننەرخى 30 مىڭ دوللاردىن تۆۋەن.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا، تېسلا CyberCab ناملىق شوپۇرسىز تاكسى ۋە شوپۇرسىز Model Y نى رەسمىي ئېلان قىلدى. ئېكراندا كۆرسىتىلىشىچە، شوپۇرسىز ماشىنا CyberCab  بولسا قوش ئىشىكلىك، ئىككى ئورۇندۇقلۇق ئاپتوموبىل بولۇپ، رول ۋە ھېچقاندا كىلاپان يوق، ئىندۇكسىيەلىك زەرەتلەش تېخنىكىسى قوللىنىلغاچقا ھېچقانداق زەرەتلەش ئېغىزى يوق.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى جىددىي ئەھۋال كۆرۈلگەچكە كېچىكىپ باشلاندى. ماسك سۆز قىلىپ ئۇنىڭ بايا ئولتۇرۇپ كەلگىنىنىڭ دەل تېسلانىڭ شوپۇرسىز تاكسىسى Cybercab ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، نەق مەيدانغا 20 ئاپوتوموبىلنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىر تولۇق ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىلدىن 50 ى بار ئىكەن.

بۇ ماشىنىنىڭ باشقا شوپۇرسىز ئاپتوموبىللارغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى ئىچىدىكى رول ئېلىۋېتىلگەن.

ماسكنىڭ ئېيتىشىچە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، Cybercab نىڭ ھەر ئىنگلىز مىلىدىكى تىجارەت تەننەرخى تەخمىنەن 0.20 ئامېرىكا دوللىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

باج ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىمۇ باھا ئەڭ ئاخىرىدا ھەر ئىنگلىز مىلىغا تەخمىنەن 0.30 ئامېرىكا دوللىرى ياكى 0.40 ئامېرىكا دوللىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ماسكنىڭ مۆلچەرلىشىچە، Cybercab نىڭ ياسىلىش تەننەرخى 30 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن بولىدىكەن.

ماسكنىڭ قارىشىچە، بىر خىل قىزىقارلىق سودا ئەندىزىسى بارلىققا كېلىدىكەن، مەسىلەن، بىر تاكسى شوپۇرى خۇددى پادا باققاندەك ئۇلارنىڭ ئاسراش خىزمىتىنى ئىشلەپ قويسىلا 10-دىن 20 گىچە بولغان ئاپتوموبىل ئەتىرتىگە ئىگە بولالايدىكەن.

ماسكنىڭ دېيىشىچە، تېسلا 2026-يىلىدىن باشلاپ CyberCab نى ئىشلەپچىقىرىشنى باشلاپ، 2027-يىلىدىن بۇرۇن، پۈتۈن كۈچى بىلەن مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىدىكەن.

ماسكنىڭ ئېيتىشىچە، تېسلا كېلەر يىلى تېكساس ئىشتاتى ۋە كالىفورنىيە ئىشتاتىدا ئادەمسىز تولۇق ئاپتوماتىك ھەيدەش (FSD) ئىقتىدارىنى پتۈنلەي ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

Cybercab نى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشتىن بۇرۇن، بۇ قايدىكى ئىشلەتكۈچىلەر Model 3 ۋە Model Y ماشىنا تىپىلرىىدا شوپۇرسىز تاكسىنىڭ ئىقتىدارلىرىنى ھېس قىلالايدىكەن.

ئەمما Model 3 ۋە Model Y ئامېرىكا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن، نازارەت قىلىنماي پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك ھەيدەشنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىلا، پۈتۈن ئاپتۇماتىك ھەيدەش تېخنىكىسى  ئاندىن ئامېرىكىدىن باشقا جايلارغا قارىتا ئېلان قىلىنىدىكەن.

يەنە شوپۇرسىز ۋاگونسىمان يۈك ئاپتوموبىلى روبوۋان بىلەن يېڭى بىر ئەۋلاد ئوپتىمۇس ماشىنا ئادىمى ئېلان قىلىندى.

ماسك يەنە، 20 ئادەمنى سىغدۇرالايدىغان Robovan (شوپۇرسىز ۋاگونسىمان يۈك ئاپتوموبىلى) نى بازارغا سالغانلىقىنى جاكارلىدى.

قالغان تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرنى ئەتە يوللايمىز!

تېسلا بۈگۈن چۈشتە  (بىز، روبوت)  ناملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، پۈتۈن دۇنيا كۈتىۋاتقان تېسلا شوپۇرسىز تاكسى  روبو تاكسىنى رەسمىي ئېلان قىلىپ، نامىنى سايبىركاب  دەپ قويدى.

ئېلون ماسىك Cybercab قا ئولتۇرۇپ نەقمەيدانغا يېتىپ كېلىپ، دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇردى.

سايبېركابنىڭنىڭ رولى يوق، دەسسەيدىغان تۇرمۇز پىدالى ۋە ماي پىدالى يوق. ئىككى كىشلىك شوپۇرسىز ماشىنا بولۇپ ئۆزى ماڭىدۇ. ماشىنا ئىشىكى ئۈستىگە ئېچىلىدىغان قايچىسىمان ئېچىلىدىغان لايىھەنى قوللانغان.

بۇ ماشىنىغا قىتە دېسىڭىزلا ئۆزى بارىدىغان يەرگە ئاپىرىپ قويىدۇ. ھۇپتۈش دېسىڭىز توختايدۇ. چاقچاق ھە، بۇيرۇقنى بەرسىڭىزلا بارىدىغان يېرىڭىزگە ئاپىرىپ قويىدۇ دېمەكچى.

بۇ ماشىنا ئالمىنى دوراپ تۆشۈكلىرىنى ئازايتىپ، توك قاچىلاش ئېغىزىنى چىقىرىۋەتكەن بولۇپ، ئىندۇكىسيەلىك توك قاچىلاشنى قوللايدۇ.

ماسىكنى ھەقىقەتەن فانتازىيەلىك كىنولارنى ئەمەلىيەتكە سۆرەپ كەلدى دېسەك بولىدۇ.

بۇ ماشىنىغا چىقىپلا ئىشەك ھارۋىڭىزدا ئۇخلىغاندەك ئۇخلىسىڭىز بولىدۇ. ئىشقا بارغۇچە قىلىپ بولالمىغان ئىشلىرىڭىزنى خاتىرجەم قىلىۋالىسىز، باشلىقىڭىزدىن گەپ ئاڭلىمايسىز.

بارىدىغان يەرگە بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئېشىكىڭىزنى ئوتلاپ كەل جانىۋار دەپ يولغا سالغاندەك ئۇنى توك يەپ كېلە تۆمۈرجان دېسىڭىز ئۆزى بېرىپ قورسىقىنى تويغۇزۇپ، بانكا كارتىڭىزدىن پۇلنى تۆلىۋېتىپ كېلىدۇ.

ئەمدى بۇ پۈتۈن ئاپتۇماتىك ھەيدەش تېخنىكىسىنى ئەلۋەتتە تېسلانىڭ باشقا ئئاپتوموبىللىرىغىمۇ سەپلەشكە بولىدۇ، لېكىن ئالدى بىلەن ئامرىكىنىڭ ئىككى شىتاتىدا قوللايدىكەن.

ئەگەر ماۋۇ تەرەپلەردىمۇ قوللىسا، بالىڭىزنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلىدىغان ئىشنى ئۇنىڭغا تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ دېگەن گەپ.

بۇنى ماشىنا دېگەندىن 4 چاقى بار ماشىنا ئادەم، ياكى ھېلىقى ھېرىق ھەرە دېگەندەك سايبىرون جەڭچىلىرىدىن ئۆزگەرگەن ماشىنا دېسىڭىز بولىدۇ.

ئەمدى باھاسىغا كەلسەك، ۋەششىي تۈركۈملەپ ئىشلىسەك 30 مىڭ دوللاردىن تۆۋەن بولىدۇ دەيدۇ.

تاكسى ھەققىنىمۇ، ماسىك تەخمىنەن ھەر ئىنگىلىز مىلىغا 0.4 دوللار بولىشى مۇمكىن دەپ ئۇقتۇردى.

ئەمدى تېخىمۇ فانتازىيەلىك نەرسىدىن ئىككىسى تەڭ ئېلان قىلىندى.

ماۋۇ ئاپتۇبۇسنى سىلەر كىنودىلا كۆرگەنغۇ دەيمەن، مانا مۇشۇمۇ شوپۇرسىز بولۇپ، ئىچىگە 20 ئادەم سىغىدۇ، ۋەششىي فانتازىيە تۈسىگە تولغان.

ئاندىن ھېلىقى تېسلانىڭ ئوپتىمېس دېگەن ماشىنا ئادىمىنى تېسلانىڭ بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇلازىمەتچىلىككە سالغان بولۇپ، ئۇلار مېھمانلارغا ھاراق قۇيۇپ بېرىش، يول باشلاش دېگەندەك ئىشلارنى قىلغان.

مېنىڭچە بۇ ماشىندىن بىر نەچچىنى سېتىۋېلىپ، چىقىشە گۇيلا كىرا قىلىپ كىرىش دېسەك پۇلنى يېتىپ تۇرۇپ تاپىمىزمۇ قانداق؟

  • 发表于:
  • 原文链接https://page.om.qq.com/page/OjQBcIoE7v2Cb0ROIR7wiWbA0
  • 腾讯「腾讯云开发者社区」是腾讯内容开放平台帐号(企鹅号)传播渠道之一,根据《腾讯内容开放平台服务协议》转载发布内容。
  • 如有侵权,请联系 cloudcommunity@tencent.com 删除。

相关快讯

扫码

添加站长 进交流群

领取专属 10元无门槛券

私享最新 技术干货

扫码加入开发者社群
领券